مەن قىزىم ئەلپىرە ئەكبەرنىڭ دەردى- پىراقىدا يۈرىكى ئاتەش، قەلبى گۈلخان، باغرى كاۋاپ بولغان ئانا مەن. پەرزەنت ئىشقىدا كۆيگەن قەلبىم، كېسەللىك پەيدا قىلغان تۈرلۈك جاراھەتلەردىن زىدە بولغان يۈرۈكىمدىكى كەچمىشلىرىمنى ئاۋامغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مۇراجەتنامىنى سۇنىۋاتىمەن.
2004- يىلى 4- ئاينىڭ 20 – كۈنى تۇغۇلغان قىزىم ئەلپىرە ئەكبەر بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى تۇيۇقسىز بۇرنى قاناش بىلەن ئاغرىپ يېتىپ قالدى. دوختۇرخانىدا داۋالىتىش، ئېنىقلىتىش ئارقىلىق، قىزىمنىڭ ئاققان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق قايغۇردۇم.شۇنىڭدىن كېيىن، دوختۇرخانىدا كۆپ قېتىم داۋالاتتىم ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەرۋېىش قىلىپ، قىزىمغا بولغان چەكسىز ئانىلىق مېھرىمنى يەتكۈزدۈم.ھالبۇكى،ئىقتىسادىي ئاساسىمىز ئاجىز بولغاچقا،باشقىلاردىن قەرز ئېلىش، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ياردىمى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، قىزىمنىڭ ھاياتىنى ھازىغا قەدەر ساقلاپ كەلدىم. نۆۋەتتە قىزىم كۆپ قېتىم قان يوقىتىش خاراكتېرلىق قاناشقا دۇچار بولغانلىقتىن، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.شۇڭا، قىزىمغا قان ئالماشتۇرۇش زۈرۈريىتى تۇغۇلدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 250 مىڭ يۈەن،نۇرمال بولغاندا 300 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىكەن. قىزىمنى داۋالىتىش جەرياندا مەن كۆپ قېتىم ئىشقا سەۋەبلىك بارالماي، ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلىپ، كىرىم مەنبەيىم ئۈزۈلۈپ قالدى. ئېرىممۇ ئادەتتىكى ئىشچى بولغاچقا، ئىش ھەققىي ئانچە يۇقىرى ئەمەس.بۇ يېتىشسىزلىكلەر قىزىمنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىش، قان ئالماشتۇرۇش ئارزۇيىمىزنى يوققا چىقاردى.
بىزدە بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ تەڭ ياردەم قىلىدىغان،مېھرى- شەپقەت، سېخىيلىق ئارقىلىق بىر – بىرگە شاپائەت قىلىدىغان ياخشى ئادەت بار. جەمئىيىتىمىزدە دەل مۇشۇنداق پەزىلىتى بىلەن ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەن قىزىمنى ساقايتىشقا بارلىقىنى ئاتىغان ئاتا- ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ماڭا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ھۆرمەتلىك ئەل – ئاۋام، قىزىم ئەلپىرە مېنىڭلا قىزىم بولۇپ قالماستىن، سىلەرنىڭمۇ قىزىڭلار، كېلەچكتىكى ئىزباسارىڭلار، ئۇنىڭغا سېخي قولۇڭلارنى سۇنغىنىڭلار، كېلەچەكنىڭ ئىز- باسارلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار بولىدۇ.تامچا سۇدا قوياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغىنىدەك، سىلەر بىر موچەن ياردەم قىلساڭلارمۇ، ئۇنىڭ خاسىيىتى، ئىززەت- ھۆرمىتى قوياش نۇرىدەك چوڭ بولىدۇ.سىلەرنىڭ پۇل ۋە ماددى نەرسە ياردەم قىلىپ، قىزىمنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشىڭلارغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن.
ئالاقىلاشقۇچى:ئايگۈل ئابلىز(قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى)، تېلېفون:15099015130 |